باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى زەھەر ياساش كەنتىنى تازىلاپ، ئۈچ توننا كرىستال زەھەرنى قولغا چۈشۈردى

2014.01.06 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭدىكى زەھەر ئېلىپ سېتىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان لۇفېڭ ‹‹سەنجيا›› رايونىنىڭ بوشې كەنتى بۇ رايوندىكى زەھەرگە چېتىشلىق ‹‹ئەڭ چوڭ كەنت›› بولۇپ، كەنتتىكى %20 دىن ئارتۇق ئائىلە بىۋاستە ياكى پاي قوشۇش ئارقىلىق زەھەر سېتىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كەنتتە زەھەر سېتىش جىنايىتى يامراپ، زەربە بېرىش، تۈزەشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىدىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يەنىلا داۋاملىشىپ كەلگەن.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى 2-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ نازارەتنىڭ يېقىندا قوراللىق ساقچى، چېگرا مۇداپىئە ساقچىسى، خەلق ساقچىسى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان، توپىلاڭدىن ساقلىنىش ئاپشاركىسى قاتارلىقلارنى ئاجرىتىپ، بۇ كەنتتىكى زەھەر ساتقۇچىلارنى تازىلاپ، لۇفېڭلىق چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى باشچىلىقىدىكى 18 چوڭ زەھەر سېتىش گۇرۇھىنى يوقىتىپ، زەھەر ياساش زاۋۇتىدىن 77 نى، ئوق -دورا ياساش قارا ئۇۋىسىدىن بىرنى بىتچىت قىلىپ، 2925 كىلوگىرام كرىستال زەھەر، 260 كىلوگىرام K پاراشوكى، 23 توننا زەھەر ياساش خام ئەشياسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: لۇفېڭدىكى زەھەر سېتىش جىنايىتىنىڭ دەرىجىسى ۋە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، «قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، پوچتا تورى» نى يولغا قويۇپ، باشقا كەنتلەردىكى توپلىشىپ زەھەر ياساش قىلمىشلىرىغا زەربە بەردۇق؛ پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنى پاش قىلىش ۋە قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بارلىق ساقچى كۈچلىرىنى تەشكىللەپ قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، چەكلەنگەن بۇيۇم، قورال- ياراغلارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ج خ، تەپتىش، سوت قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، كەنتلەردە نۇقتىدا تۇرۇپ ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق.

  نۆۋەتتە، شەنۋېي، لۇفېڭدىن ئىبارەت ئىككى جاي نۇقتىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئەترىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بىر يىل داۋاملىشىدىغان تەشۋىق-تەربىيە، پاش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، تېگىنى تەكشۈرۈش ۋە تىرىشچانلىق بىلەن پۇل تېپىشقا يېتەكلەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر