باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سېتىۋەتكەن جىنايەتچى جازاغا تارتىلدى

2013.12.30 16:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 30-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا ، فۇپىڭ ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ شۇجيانىڭ بوۋاق ساتقانلىق دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى . مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ 50 دىن ئارتۇق مۇخبىرى ۋېينەنگە كېلىپ بۇ دېلو توغرىسىدا خەۋەر بەردى . ۋېينەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ زالىدا سوت ئاچتى ، 150 دىن ئارتۇق ئادەم سوتقا سىرتتىن قاتناشتى .

  2013-يىلى 16-ئىيۇل ، شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ناھىيەسى شۆجېن كەنت ئاھالىسى دۇڭ X فۇپىڭ ناھىيەلىك ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەندىن كېيىن ، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى جاڭ شۇجيا ( دۇختۇرخانا تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ‹‹ كېسەل ›› دېگەننى باھانە قىلىپ ، ئاتا-ئانىسىغىمۇ كۆرسەتمەي ئېلىپ چىقىپ 21 مىڭ 600 يۈەنگە سېتىۋەتكەن . كېيىن بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر فۇپىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چېڭگۈەن ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان . فۇپىڭ ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان .

  5-ئاۋغۇست ، دۇڭ X نىڭ ئوغلى ساقچىلار تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن .

  9-ئاۋغۇست ، جاڭ شۇجيا قاتارلىق توققۇز نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان ، فۇپىڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لى شۆپىڭ ، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جى شىنمىن ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بيەن سىمېي ، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لى ، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ياۋ جۈنمىن ۋە پەرۋىش خىزمىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ فېنلىڭ قاتارلىق ئالتە ئادەم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر