باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق پويىز بېلىتى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە سېتىلىدۇ

2013.12.27 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2014-يىللىق تۆمۈريولداچاغانلىق توشۇش 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن2-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە بولىدۇ. 2014-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، يەنى چاغانلىق توشۇشنىڭ 1-كۈنىدىكى پويىز بېلىتى مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ، بېلەتنىڭ ئالاقە تورى ۋە تېلېفوندا زاكازلىق ئالدىن سېتىش مۇددىتى 20 كۈن بولىدۇ.زور تۈركۈمدىكى چاغانلىق پويىز بېلىتىمۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.

  جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى ترانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىق مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 2014-يىللىق چاغانلىق توشۇش پويىز بېلىتىنىڭ ئالدىن سېتىلىش مۇددىتى ئادەتتىكى پويىز بېلىتىنىڭ ئالدىن سېتىلىش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش. بۇنىڭ ئىچىدە،ئالاقە تورى ۋە تېلېفوندا زاكازلىق ئالدىن سېتىلىش مۇددىتى 20 كۈن بولىدۇ، يەنى 2013-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى2014-يىل1-ئاينىڭ 16-كۈنى (چاغانلىق توشۇشنىڭ 1-كۈنى)دىكى پويىز بېلىتى سېتىلىدۇ؛ ۋوگزالدىكى بېلەت سېتىش كۆزنىكى، ۋەكالىتەن سېتىش نۇقتىسى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا ئالدىن سېتىلىش مۇددىتى 18 كۈن بولىدۇ، يەنى 2013-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى2014-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى پويىز بېلىتى سېتىلىدۇ. (مۇخبىر ۋۇ مەنلىن خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر