- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى كېلەر يىلى يەر ئىشلىتىش مىقدارىنى قاتتىق كونتىرول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.12.27 16:31 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو يەر ئۆلچەش-پىلانلاش ئورنى 26-چېسلا «جۇڭگونىڭ يەر سىياسىتى كۆك تاشلىق كىتابى (2013)»نى ئېلان قىلدى. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى كېلەر يىلى يەر كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارىغا قارىتا قاتتىق تىزگىنلەش ۋە تەمىنلەشنى ئازايتىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، ئۆي-مۈلۈك بېجىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇقىم مۇلۈكنى بىرتۇتاش تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى كۈنتەرتىپى چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېنلارنڭ يەر سېتىش كىرىمى 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150 ئاشقان. 11-ئايدا 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەر ئىچىدە پەقەت بىرلا شەھەردە يەر باھاسى چۈشكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەرقايسى تەرەپلەر يەر بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۆي باھاسى بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى جۇڭگو يەر ئۆلچەش-پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ جيەنچۈن كۆك تاشلىق كىتابنى تارقىتىش يىغىنىدا كېلەر يىلى دۆلەتنىڭ يەر بىلەن تەمىنلەش مىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق تىزگىنلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
جوۋ جيەنچۈن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەرنى تېجەشلىك، كۆجەملىك ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يەر ئىشلىتىش كۆلىمىگە قارىتا ئومۇمىي مىقدارنى قاتتىق تىزگىنلەپ ۋە تەمىنلەشنى ئازايتىپ، قۇرۇلۇش يېرى زاپاس مىقدارىنى زورايتىپ، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قۇرۇلۇش يېرىنى ئازايتىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان 18 شەھەر ئۆي بازىرىنى تىزگىنلەشكە ئائىت يېڭى سىياسەت چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 شەھەر «يەر بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئۆي-مۈلۈك كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شيې يىفېڭنىڭ تەھلىلىچە، كېلەر يىللىق يەر ئىشلىتىش سىياسىتى جايلارنىڭ ئۆي بازىرىنى تەڭشىشىگە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر