باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 6247 پارتىيە ئەزاسى، كادىرغا چارە كۆرۈلدى

2013.12.27 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى سانلىق مەلۇماتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جايلار مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 21 مىڭ 149 مەسىلىدىكى 25 مىڭ 855كىشىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، 6247 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى.

  پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئىچىدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك 1 كىشى، ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك 33 كىشى، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك 356 كىشى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك 5857 كىشى بار.

  مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ئىچىدە، سوۋغات بېرىش-قوبۇل قىلىش، يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش ۋە چېنىقىش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن قاتنىشىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، مىشچانلىق، ھورۇنلۇق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ %58نى، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىشكە ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى %29نى ئىگىلەيدىكەن، يەنە توي-تۆكۈن، نەزىر چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بار ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر