- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىلىدىكى دېموكراتىك سىياسىيغا ئائىت چوڭ ئىشلار خاتىرىسى
2013.12.25 17:41 مەنبە: خەلق تورى
1-ئاينىڭ 1-كۈنى،تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى بىلەن ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى يولغا قويۇلدى.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەنگۇڭتىڭى ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتىنىڭ تولۇق ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شەھەر-يېزىلاردا تۇنجى قېتىم ئوخشاش ئاھالە نىسبىتى بويىچە سايلاپ چىقىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋۇجۇدقا كەلدى.
3-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىكون دەرياسى «5-ئۆكتەبىر» دېلوسىدىكى نوكاڭ قاتارلىق تۆت نەپەر باش جىنايەتچىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلدى.
5-ئاينىڭ 2-كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ سايلام بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى.5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات»نى ئېلان قىلدى.
5-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فونكسىيە ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلدى.
5-ئاينىڭ 31-كۈنى، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى.
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە توردا ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.
8-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى «ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بو شىلەينىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسىنى بىرىنچى سوتتا قاراپ چىقتى.
8-ئاينىڭ 26-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق جىنايى دېلولارغا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات»نى ئېلان قىلدى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» ھەققىدىكى يوليورۇقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلدى.
10-ئاينىڭ 25-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-سانلىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى بەش يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
11-ئاينىڭ 9-كۈنى، 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى»دا «سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشى» ۋە «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس باب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
12-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەن يەنە 68 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن 2013-يىلى گوۋۇيۈەن بىكار قىلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى 221گە يەتتى.
12-ئاينىڭ 23-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىدا ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنىڭ قانۇنىي تەرتىپى باشلاندى.
(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر