- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئايپەرى ـــ3 ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان ئىككى ئاپپارات بىر-بىرىنى سۈرەتكە تارتىپ بولدى
2013.12.24 19:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرىمىز دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنكا سانائىتى ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: 22-دېكابىر سەھەردە يەر يۈزىدىن كونترول قىلىش ئارقىسىدا ئايپەرى ـــ3 ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان قونۇش ئاپپاراتى بىلەن «ئايتوشقان» ناملىق چارلاش ئاپپاراتى بىر-بىرىنى 5-قېتىم سۈرەتكە تارتتى، بۇ ئارقىلىق قونۇش ئاپپاراتىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېلىپ يۈرگەن تۇنجى سۈزۈك سۈرىتى بارلىققا كەلدى. سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن،چارلاش ئاپپاراتى قونۇش ئاپپاراتىدىن ئايرىلىپ، ئاي يۈزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى ھەمدە ئاي يۈزىنى چارلاش ئۈچۈن تېخىمۇ يىراق رايونلارغا يۈرۈپ كەتتى. (ۋۇ يۆخۈي،يۈ جيەنبىن،سەي جىنمەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر