- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


1-يانۋاردىن باشلاپ، شىنجاڭ تەۋەسىدە يۈز بەرگەن كوللېكتىپ ئەمگەك ماجىرالىرى دېلوسى 45 كۈن ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ
2013.12.20 16:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، شىنجاڭ تەۋەسىدە يۈز بەرگەن كوللېكتىپ ئەمگەك ماجىرالىرى دېلوسى 45 كۈن ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ، ھېسابلاش ۋاقتى كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلىنىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۈرگەن كوللېكتىپ ئەمگەك ماجىرالىرى دېلوسىغا قارىتا، يېشىل يول ئېچىلىدۇ، شۈ كۈنى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تېز قاراپ چىقىلىپ، تېز ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ «شىنجاڭدىكى كوللېكتىپ ئەمگەك ماجىرالىرى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دا ئېنىق بەلگىلەنگەن. كوللېكتىپ ئەمگەك ماجىرالىرى دېلوسىنى يەككە چارە شەكلى بىلەن بەلگىلەش تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر