- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىللىق مىللەتلەر خىزمىتىدىكى 7 چوڭ ئىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى
2013.12.20 16:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا كېلەر يىلى مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇنداق 7 چوڭ ئىشنى نۇقتىلىق تۇتۇش تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، چوڭ تەكشۈرۈش تەتقىقاتنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىش، ئىككىنچى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 6-سانلىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش پائالىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېلىپ بېرىش، ئۈچىنچى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تۆتىنچى، ھەر دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش، بەشىنچى، مىللىي خىزمەتنى بېيىتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالتىنچى، شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش، يەتتىنچى، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى پۇختا ئەستايىدىل ياخشى قىلىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر