- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەش خىل تىلدىكى ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى ئېلان قىلدى
2013.12.20 16:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مىللىي تىل-يېزىق ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ھەم تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 19-دېكابىر بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىقلار ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنى تايانچ قىلىپ، مىللىي تىل-يېزىق ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ يىل ئېلان قىلىنغان موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق بەش خىل يېزىقتىكى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ۋە ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالى ئېلىمىزنىڭ موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدىكى ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، مىللىي تىل-يېزىق تەرجىمىسىنىڭ ئۆلچەملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە ئۇچۇرلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر