باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دەپنە ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2013.12.20 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دەپنە ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. دەپنە ئىسلاھاتى ئەنئەنىۋى كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ئىستىل تىكلەيدىغان ئىجتىمائىي ئىسلاھات بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق-نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەپنە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  1. دەپنە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇش.

  2. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەپنە ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش.

  3. دەپنە ئىسلاھاتىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر