- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2013.12.20 16:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ جىجۇڭ ۋە ئايالى يۈ خۇيلۇڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، زور مىقداردىكى مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1-سوتتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە 9 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 18-چېسلا چۈشتىن كېيىن سوت ئېچىپ، مەزكۇز ھۆكۈمنامىنى جاكارلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر