- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېنزىننىڭ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى
2013.12.19 16:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى 18-دېكابىر ئېلىمىزنىڭ 5-باسقۇچلۇق ئاپتوموبىل بېنزىنى دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۆلچەم 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت مىقياسىدا يولغا قويۇلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ 5-باسقۇچلۇق بېنزىن دۆلەت ئۆلچىمىنى مەملىكەتلىك نېفىت مەھسۇلاتى ۋە سىلىقلاش مېيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ دەلىللەش ۋە ياۋروپانىڭ ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تەييارلىغان. دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 4-باسقۇچلۇق دۆلەت بېنزىن ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئۆلچەمدىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىشنى «ئۈچنى تۆۋەنلىتىش، ئىككىنى تەڭشەش، بىرنى ئاشۇرۇش» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر