باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى

2013.12.18 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكىتىمىزدىكى خلور – ئىشقار كەسىپلىرى ئىچىدە تۆۋەن سىمابلىق كاتالىزاتوردىن باشلامچىلىق بىلەن پايدىلاندى، بىر يىلدا پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى، بىر يىلدا 26 تۈرلۈك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى... جۇڭتەي گۇرۇھىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى ھەر جەھەتتىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭتەي گۇرۇھى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى.

  جۇڭتەي گۇرۇھى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ۋە ئىلغار، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دەرىجىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈردى، بولۇپمۇ بۇ يىل ئېلىمىزدە نۇرغۇن كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر