- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنى ئەستايىل ئۆزلەشتۈردى
2013.12.18 10:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 16-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن پارتگۇرۇپپا مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز شەھەر بازارلاشتۇرۇش يىغىنى روھىنى يەتكۈزۈپ ، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، پىكىرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى مۇنداق ئالتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر گەۋدىلىك ياخشى تۇتىلىدۇ، بىرىنچى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئىككىنچى، تۈزۈم مۇكەممەللەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرلەر قوغدىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەر ساقلاپ قېلىنىپ، يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش تىجارەت ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاپ گۇۋاھنامە تارقىتىش تېز ئىلگىرى سۈرىلىدۇ، ئۈچىنچى، سىستېما قۇرۇلۇشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، مەخسۇس تۈزەش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسى قاتلامنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ناھيەلىرى بەرپا قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئۆلچىمى تۈزۈمى تۈزۈش، زور ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش كۈچەيتىلىپ، بۇ كېسەللىكنىڭ باشقا رايونلارغا تارقالماسلىقىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، تۆتىنچى، تېرىقچىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا قەدىمى تېزلىتىلىدۇ، بەشىنچى، قېلىپلاشتۇرۇلۈپ ۋە سىناق قىلىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىسلاھاتى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرىلىدۇ، يېڭىچە يېزائىگىلىك تىجارەت سىستېمسى ئورنىتىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسى گەۋدىسى يېتىشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، يېزا ئىسلاھاتى سىناق رايونى، دۆلەتلىك زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ، ئالتىنچى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر