- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


1-ئايدىن 11-ئايغىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى
2013.12.13 09:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 12-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن 12 مىليون 420 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلانغان.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 12-دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن 12 مىليون 420 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلانغان. 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىدا، شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.04 لىك تۆۋەنرەك سەۋىيەنى ساقلىغان. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 815 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 220 مىليون ئادەم كۈتۈنۈش پۇلى ئالغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر