- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەز مالىيەسى ئاجىز مەكتەپلەرنى نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن قوللىدى
2013.12.12 15:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركەز مالىيەسى بۇ يىل 20 مىليارد 700 مىليون يۈەنلىك تولۇقلىما مەبلىغى ئاجرىتىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاشقا ئىشلەتتى. مەركەز مالىيەسى 2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا، ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا 65 مىليارد 680 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى.
دۆلەت 2010-يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىلمىي پىلانلاش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يەرلىكنى ئاساس قىلىش، مەركەز مۇكاپات، تولۇقلىما بېرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر