باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيە كىرىمى نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىدىن ئۈمىد بار

2013.12.12 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 11-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى 912 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئاشقان. 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى جەمئىي 11 تىرىليون 965 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشقان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مەركەز مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش كۆلىمىمۇ يىل بېشىدىكى تۆۋەنلەشتىن تەدرىجىي ئېشىشقا يۈزلەندى. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مۇقىم راۋاجلىنىش ئاساسىدا، مەركەز مالىيەسىنىڭ پۈتۈن يىللىق خامچوتنى ئورۇنلىشىدىن ئۈمىد بار.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 11-ئايدا مەركەزنىڭ مالىيە كىرىمى داۋاملىق ئاشتى، بۇ ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ تەدرىجىي ئېشىشى، سودا ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ھەم بىر قېتىملىق كىرىمنىڭ خەزىنىگە كىرىشى قاتارلىق ئالاھىدە ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولدى، ئالاھىدە ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى مەركەزنىڭ مالىيە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 چە ئاشتى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئاخىرقى بىر ئايدا، ئىقتىساد، مالىيە ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، باج، تاموژنا تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە باج يىغىشىنى باشقۇرۇش، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىكىنى ئىمكانقەدەر تاپشۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىلىپ، نورمىدىن ئارتۇق باج يىغىش قەتئىي توسۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق مالىيە كىرىم ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر