- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىم نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىدا ئۈمىد بار
11-ئايدا يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى
2013.12.12 15:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 11-ئايدا مەملىكىتىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى 912 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئاشتى. 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى جەمئىي 11 تىرىليون 965 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشتى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىمى يىل بېشىدىكى تۆۋەن سەۋىيەدىن تەدرىجىي ھالدا ئېشىشقا يۈزلەندى. نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتقان ئاساستا، مەركەز مالىيەسى كىرىمىدە پۈتۈن يىللىق خامچوتنىڭ ئورۇندىلىشىدا ئۈمىد بار.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 11-ئايدا مەركەز مالىيەسى كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىدى، بۇ ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ تەدرىجىي ياخشىلانغانلىقى، سودا ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقى ۋە بىر قېتىملىق كىرىمنىڭ غەزىنىگە تاپشۇرۇلغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدە ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولدى، ئالاھىدە ئامىللار چىقىرىۋېتىلگەن كېيىن، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى. (لى لىخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر