- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاڭئې-3 ناملىق ئاي شارىنى چارلاش ئەسۋابى ئاينىڭ ئارقا تەرىپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېقىن ئوربىتاغا كىردى
2013.12.11 16:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-دېكابىر سائەت 21دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې-3 ناملىق ئاي شارىنى چارلاش ئەسۋابى ئاينىڭ ئارقا يۈزىدە ئوربىتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىپ، ئاي يۈزىگە قونۇشقا تەييارلىق تەييارلىنىش ئوربىتىسىغا كىردى. يەر يۈزىدىكى ئۆلچەش-كونتىرول پونكىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، چاڭئې-3 ئاي شارىدىن يىراق نۇقتىسى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر، يېقىن نۇقتىسى تەخمىنەن 15 كىلومېتىر بولغان ئېللىپسسىمان ئوربىتاغا كىرگەن. (ۋۇ يۆخۈي، يۈ جيەنبىن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر