باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى قەدەم-باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىش كېرەك

‐‐ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيىنى زىيارەت قىلىش

2013.12.11 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «پېنسىيەگە چىقىشنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش»ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تۆت جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىدىن،بىر قانچە يىل بۇرۇن ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، ئاممىغا، بولۇپمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە زۆرۈر تەييارلىق ۋاقتى بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەدەم-باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، ئالدى بىلەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئەڭ تۆۋەن كىشىلەردىن، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئالمىشىش نىسبىتى تۆۋەن كىشىلەردىن باشلاش، ئاندىن باشقا كىشىلەرگە قەدەممۇقەدەمكېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قەدەمنىكىچىك ئېلىش، مەسىلەن، پېنسىيەگە چىقىشھەر يىلى بىر نەچچە ئايدىن كېچىكتۈرۈش لازىم. تۆتىنىچى، بىرنەچچە تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش لازىم، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئوتتۇرا ياش ۋەياشانغانلارغاماس كېلىدىغان ھەمدە ياشلار بىلەن خىزمەت پۇرسىتىنى تالاشمايدىغان ئىش ئورنىنى كۆپلەپبارلىققا كەلتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بولغان پايدىسىز تەسىرنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىزدەياشانغانلار تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىر. 3-ئومۇمىي يىغىندا «پېنسىيەگە چىقىش تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشتا پەقەتكۈتۈنۈش پۇلى يوچۇقىلا كۆزدە تۇتۇلغان. پېنسىيەيېشىزور ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي سىياسەت بولغاچقا، ئۇنى بېكىتىش ۋە تەڭشەش خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى، نوپۇسنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىرىش يۆنىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى، ئەمگەك شارائىتى، ئادەم كۈچى بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئامىللار بىلەن، شۇنداقلا كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەملىكىتىمىزنىڭئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىدىن قارىغاندىمۇ، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش ھەقىقەتەن زۆرۈر. (ئۆز مۇخبىرىمىز باۋ دەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر