باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدەھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

كۈتۈۋېلىش پىرىنسىپى: ھۆكۈمەت ئىشىغا پايدىلىق بولۇش، تېجەشلىك بولۇش، ئۆلچەمقاتتىق بولۇش، مۇراسىم ئاددىي بولۇش، ئۈنۈملۈك ۋە ئاشكارابولۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش

2013.12.10 19:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جكپمەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا«پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى تارقىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىش بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى باشقۇرۇش، تېجەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  «بەلگىلىمە» ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلار، سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پۇلمۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلمايدىغان كەسپىي ئورۇنلار بۇ «بەلگىلىمە»دىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ. «بەلگىلىمە» دە ئېيتىلغانھۆكۈمەت ئىشى يىغىنغا قاتنىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، ئۆگىنىش-ئالاقە، تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش قاتارلىق ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

   26 ماددىلىق بۇ «بەلگىلىمە»دە دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشتاھۆكۈمەت ئىشىغا پايدىلىق بولۇش، تېجەشلىك بولۇش، ئۆلچەم قاتتىق بولۇش، مۇراسىم ئاددىي بولۇش، ئۈنۈملۈك ۋە ئاشكارابولۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل تارمىقىئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر