باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېلەت سېتىش كۈنى بېكىتىلدى

2013.12.10 19:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2014-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېلەت سېتىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇخبىر 7-چېسلا 2014-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېلەت سېتىش خىزمىتى ھەققىدە جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسى تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  سوئال: 2014-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى؟

  جاۋاب: ئومۇمەن ئېيتقاندا، 2014-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى نورمال ئەھۋالدىكى پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش. ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى توردا ۋە تېلېفوندا زاكازلىق سېتىش مۇددىتى 20 كۈن، يەنى 2013-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى (چاغانلىق توشۇشنىڭ 1-كۈنى)دىكى بېلەت سېتىلىدۇ؛ ۋوگزال كۆزنىكى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىن سېتىش مۇددىتى 18 كۈن، يەنى 2013-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى بېلەت سېتىلىدۇ.

  يولۇچىلارغا ئەسكەرتىمەنكى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە سەپلەنگەن ۋاقىتلىق پويىزنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى تېخىمۇ ئۇزارتىلدى. پويىز بېلىتىنى توردا ۋە تېلېفوندا زاكازلىق سېتىش مۇددىتى 25 كۈن، يەنى 2013-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى بېلەت سېتىلىدۇ؛ ۋوگزال كۆزنىكى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىن سېتىش مۇددىتى 23 كۈن، يەنى 2013-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى بېلەت سېتىلىدۇ. (چى جۇڭشى خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر