- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۈگۈن تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋەتسە ئەتە يەنە داۋاملىق تىجارەت قىلىدۇ، قارا ئۆي ـ مۈلۈك ۋاستىچىلىرى ۋېۋىسكا ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ
2013.12.06 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ـ سانائەت ئىدارىسىنىڭ يېقىنقى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆي ـ زېمىن ۋاستىچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش نىسبىتى %88.34 بولۇپ، ئۆي ـ زېمىن باشقۇرۇشى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش نىسبىتى %89.4 ئىكەن. خەلق مالىيە ۋە ئىقتىسادىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قىسمەن ئۆي ـ مۈلۈك ۋاستىچىلىرىنىڭ مال ـ مۈلۈك ياكى ئىشەنچ كرزىسىغا ئۇچرىغاندا دائىم «ئىسىم ئالماشتۇرۇش» ئارقىلىق، شىركەتنىڭ نامىنى ۋە قانۇنىي ئىگىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئەرز ـ تەلەپتىن قاچىدىغانلىقى، يەنە ئايرىم كارخانىلارنىڭ «ۋېۋىسكىسىز» تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى بايقالغان.يەنە بىر مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردىكى ئۆي ـ زېمىن ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى 12 مىڭ 454كە يەتكەن بولۇپ، سودا ـ سانائەت ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرغانلار 10 مىڭ 379 ئىكەن. بۇ تەخمىنەن 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ـ زېمىن ۋاستىچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر