- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چىڭخەي ئۆلكىسى ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى
2013.12.05 10:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرنىڭ 15 – نويابىر چىڭخەي ئۆلكىلىك داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، چىڭخەي ئۆلكىسى ئاز ساندىكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق، لېكىن سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان، داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن ئاغرىقلارنىڭ جىددىي داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش فوندىغا دەسلەپتە يىلىغا 6 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، بۇ پۇل ھەر دەرىجىلىك مالىيە %90 چىقىرىش، جەمئىيەتتىن %10 ئىئانە توپلاش ئارقىلىق غەملىنىدىكەن، ئۆلكە شۇ دەرىجىدە تارقاتقان پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىن قېپقالغان پاراۋانلىق فوندىدىن مەلۇم نىسبەتتە ياردەم قىلىدىكەن.
سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ھەم داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن ئاغرىققا كەتكەن خىراجەت (ئىسىم – فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىق سالاھىيەت ئىسپاتى بولمىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئاپپارات ياكى شەخس چىقمىغان ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ سالاھىيىتى ئېنىق، بىراق داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن ئاغرىقنىڭ ۋاقتىدا تۆلىمىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش خىراجىتى؛ تۇغۇت سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان، يەنە كېلىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەنلەر ھەم قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش فوندى، شەھەردىكى سەرگەردان تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش مەخسۇس فوندى، شەھەر – يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى قاتارلىقلار بىلەن داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىيەلمەيدىغان ئاغرىقلارنىڭ قۇتقۇزۇش خىراجىتى مۇشۇ تۈزۈم بويىچە تۆلىنىدۇ. سالاھىيىتى ئېنىق ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىيەلەيدىغان تۇرۇقلۇق داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلغان ئاغرىقلارنىڭ خىراجىتى ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش فوندىدىن چىقىم قىلىنمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر