- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھەرخىل ئالاھىدە بەلگىلەر قويۇلغان ئاق ھاراق بازارغا كىرگۈزۈلمەيدۇ
2013.12.05 09:57 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا تارقاتقان ‹‹ ئاق ھاراقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ››تا ، ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئاق ھاراقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، كارخانىلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ، ئاق ھاراقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى .
‹‹ئۇقتۇرۇش ›› تا مۇنداق دېيىلدى : نۆۋەتتە ، ئاق ھاراق ئىشلەپچىقىرىشتا ئاۋۋالقىدەكلا مۇئەييەن دەرىجىدە سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن مەسىلىلىرى ساقلانماقتا ، كارخانىلار يېمەكلىك سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسىلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ ، ئاق ھاراقتىكى پىلاستىك خۇرۇچنىڭ بۇلغىنىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك .
‹‹ئۇقتۇرۇش ›› تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى : كارخانىلار ئاساسىي ئۆلچەم بويىچە ئاق ھاراققا شەرتلىك بەلگە قويۇشتا، مەھسۇلات ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى ۋە تەڭشەلگەن ماتېرىياللار جەدۋىلى قاتارلىق مەجبۇرىي كۆرستىش مەزمۇنىغا ساختا بەلگە قويۇشقا بولمايدۇ . شەرتلىك بەلگىسى يوق ، تولۇق ئەمەس ياكى شەرتلىك بەلگە ئۇچۇرلىرى ساختا بولغان ھاراقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدۇ . ‹‹ئالاھىدە تەمىنلەنگەن ›› ، ‹‹ مەخسۇس تەمىنلەنگەن ››، ‹‹ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ››، ‹‹ئالاھىدە ياسالغان ›› دېگەن خەتلىك بەلگىلەر بېسىلغان ئاق ھاراقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر