باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغان 62 ئادەمنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

بۇنىڭ ئىچىدە 48 ئادەم شەندۇڭلۇق ئىكەن

2013.12.04 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چىڭداۋ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭمىكرو بىلوگىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، 22-نويابىر يۈز بەرگەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ دۇڭخۇاڭماي تۇرۇبىسىدىن ماي چىقىپ پارتلاپ كېتىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەزكۇر ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. قازا قىلغان 62 ئادەمنىڭ ئىچىدە48 شەندۇڭلۇق(چىڭداۋ شەھىرىدىن 26 ئادەم، شەندۇڭنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن 22 ئادەم)، 7 خېيلۇڭجياڭلىق، 3 جىلىنلىق، 1 سەنشىلىك، 1 جياڭسۇلۇق، 1 خېنەنلىك، 1 ئىچكى موڭغۇللۇق بار ئىكەن. (مۇخبىر يىن شېن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر