- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاڭئې-3ناملىق ئاي چارلاش ئەسۋابىنىڭ يۆنىلىشى تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىلدى
2013.12.03 16:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئەپەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 15تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشكونترول مەركىزى چاڭئې-3 ناملىق چارلاش ئەسۋابىنىڭ ئايغا بېرىش مۇساپىسىدىكى يۆنىلىشىنى تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىشنى تاماملاپتۇ.
12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16 غا قەدەر، چاڭئې-3 ناملىق چارلاش ئەسۋابى تەخمىنەن 14 سائەت بىخەتەر ئۇچۇپ، يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 140 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا يېتىپ بېرىپتۇ.(مۇخبىر ۋۇ يۆخۇي، يۈ جيەنبىن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر