- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، چاڭئې-3 ناملىق ئاينى چارلاش ئەسۋابى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى
2013.12.02 16:25 مەنبە: خەلق تورى
12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 1دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې-3 ناملىق ئاينى چارلاش ئەسۋابى ئۇزۇن سەپەر-2 ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى. (ئۆز مۇخبىرىمىز لى ۋېينا فوتوسى، سەي خۇاۋېي ئىسخېمىسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر شىچاڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 1دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، «ئۇزۇن سەپەر-2» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى چاڭئې-3 ناملىق ئاينى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. چاڭئې-3 تۇنجى قېتىملىق ئاي شارىغا يۇمشاق قونۇشۋە ئاي يۈزىدە سەييارە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشىنى يېڭى مەنزىلگە باشلايدۇ. (مۇخبىر ۋۇ يۆخۇي خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر