باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تورداشلار دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەش لايىھەسىگە پائال پىكىر بەردى، چاغانلىق دەم ئېلىشنى ئۇزارتىشنى تەۋسىيە قىلىشتى

2013.11.28 20:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن، مەملىكەتلىك ئارام ئىشخانىسى «مەملىكەتلىك ئارام ئىشخانىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋارىقى»نى ئېلان قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەشنىڭ 3 خىل لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور ئەھلىدىن پىكىر ئالدى. مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، بارلىق تور بېكەتلەردىكى بېلەت تاشلاشتا، دۆلەت بايرىمىلىقدەم ئېلىشنى ئەسلىي پېتى ساقلاپ قالىدىغان 3-لايىھە ئەڭ كۆپ قوللاشقا ئېرىشتى. تورداشلارنىڭ ئىنكاسىئاساسلىقى تۆت جەھەتكە مەركەزلەشتى: بىرىنچى،3 خىل لايىھەگەقارىتا ئۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ ئىككىنچى،دەم ئېلىشنى تەڭشەشنىڭ باشقا لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ ئۈچىنچى، چاغانلىق دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش؛ تۆتىنچى، دەم ئېلىشنى كۆپەيتىش.(مۇخبىر ياڭ ۋېنيەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر