- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چېن يۈەن : يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ
2013.11.28 14:21 مەنبە: خەلق تورى
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ياۋروپا –ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى چېن يۈەن پەيشەنبە (26-سىنتەبىر) ئېچىلغان ياۋروپا –ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رايون قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . چېن يۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ياۋروپا – ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى . نۆۋەتتە ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزىملىرىدىن پايدىلىنىپ ، رايون قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم .
چېن يۈەننىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ياۋروپا – ئاسىيا رايونى ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە زامانىۋى قاتناش تىرانسىپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچيىشىگە ئەگىشىپ ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ياخشى نەتىجىلەر قولغا كېلىدىكەن .
بۇ يىل 9-ئايدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ، ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ،" يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى"نى ئورتاق قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان .
مەنبە: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خۇيۈ تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر