- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى كونا ئېغىر قىيىن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى
2013.11.25 11:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئالدىنقى باسقۇچتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپچىلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ 12369 پاش قىلىش قىزىق لىنىيىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر بىرسىگە جاۋاب قايتۇرۇپ،ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن كونا، ئېغىر، قىيىن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.
دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى كۈتۈۋېلىش زالى ھەر كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىگە ئائىت ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ھەر بىر ئەرزنى تەكشۈرۈشكە خادىم ئەۋەتىدۇ ياكى يەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنى ئېنىقلاش ياكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىدىكى بىر سىلىتسىيلىق تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى سەۋەبىدىن يەرلىكتىكى ئامما كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان ئىدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇ زاۋۇتنى تەكشۈرۈشكە دەرھال خادىم ئەۋەتتى. نەق مەيداننى تەكشۈرگۈچىلەر كارخانا قويۇپ بەرگەن ئىس-تۈتەك تاغ جىلغىسىنى قاپلىغانلىقىنى بايقىدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق كارخانىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى يوقلىقى، ئۇزۇن مەزگىل قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بايقالدى. تەكشۈرگۈچىلەر ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلىتسىيلىق تۆمۈر زاۋۇتىنى دەرھال چېقىۋەتتى. شەكىلۋازلىق ، بيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپچىلىق مەسىلىلىرى تەكشۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن كونا ، ئېغىر مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.
تەلىم تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى داۋامىدا ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپچىلىققا ئائىت 90 تۈرلۈك مەسىلىنى زور دەرىجىدە تۈگەتتى، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۇمان، ئىچىملىك سۇنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىسىگە قارىتا تۈزەش ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر