- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەز لېكتورلار ئۆمىكى جايلاردا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى
2013.11.25 11:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
23-نويابىر مەركەز لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم خېنەن، جياڭسۇ، خۇبېي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كادىرلار ئاممىغا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.
23-نويابىر چۈشتىن كېيىن مەركەز لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى لو شۇگاڭ خېنەنگە كېلىپ، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئاممىغا ئومۇم يىغىن «قارارى»نىڭ زور ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەزمۇنى ۋە يېڭى تەدبىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى. دوكلاتتا نەرزىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلدى، ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلدى ھەم ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن مەيداندا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ روھى كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ بولدى، نەق مەيداندىكى ئىنكاس ناھايىتى قىزغىن بولدى.
23-نويابىر مەركەز لېكتور ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچىڭنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىكى لېكسىيىسى ھەر ساھەدىكى كادىرلار ئاممىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. كارخانىلاردىن كەلگەن ئاڭلىغۇچىلار يىغىندىن كېيىنكى ئالماشتۇرۇشتا، قانداق قىلغاندا كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى «سىرتقا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن تېمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى.
ۋۇخەندىكى خۇڭشەن زالىدا مەركەز لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك سۆز بىلەن 3-ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. دوكلات ئاياغلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىغا ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
23-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مەركەز لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن شىڭجوۋ جىنەن شەھىرىنىڭ دىيەنليۇ يېڭى كەنتىگە بېرىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈشى، كىرىم مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاممىغا چۈشەندۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر