باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: دۆلەت كاپىتالى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىنى تولۇقلاپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈش تەسكە توختايدۇ

2013.11.19 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەزكۇر مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيڭگاڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا ئىسلاھاتىغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا بەرگەن چۈشەندۈرۈشنى ئېلان قىلدى. جىن ۋېيگاڭ ئالدى بىلەن ئىدارىلەر تاپشۇرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئازايتىش، شەخس تاپشۇرىدىغان ھەقنى كۆپەيتىۋەتمەسلىك، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى تەڭشەشتە مەجبۇرلىماسلىق لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  دۆلەت مەبلىغىگە تايىنىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈش تەس

  «قارار»دا، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ يۆتكەش ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش لازىم، دېيىلگەن.

  چۈشەندۈرۈش: جىن ۋېيگاڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا فوندى (كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خاراكتېر ئوخشمايدىغان فوندقا تەۋە بولۇپ، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش بىلەن نۆۋەتتىكى قىسمەن رايونلاردا كۆرۈلگەن شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ شۇ قەرەللىك كىرىم-چىقىم كەمتۈكلۈكى شۇنىڭدەك كەلگۈسىدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش يۇقىرى پەللىسىدە كۆرۈلىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كىرىم-چىقىمىنىڭ كەمتۈكلۈكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېلىمىز شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى جەمئىي 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، شۇڭلاشقا بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپاس فوندى قىلىنغان مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى قىسمەن رايونلاردىكى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىدا كۆرۈلگەن شۇ قەرەللىك كىرىم-چىقىم كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئوخشاشلا مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى سەۋىيەسىمۇ زور مىقداردا ئۆسۈپ كەتمەيدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر