باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنىڭ «قوش تۈزۈم»نى ھەل قىلىشتا ياردىمى بار

2013.11.18 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللىغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» تېخىمۇ ئادىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «قارار»دا تەپسىلىي قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن: بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش، دۆلەت كاپىتالى تاپاۋىتىنى جامائەت مالىيەسىگە تاپشۇرۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، %30 كە يەتكۈزۈش. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش. پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش.

  بۇ توغرىسىدا، خەلق تورى مۇخبىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگاڭنى ئوڭچە زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈرگەن: مەملىكەت ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش كارخانا كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشمۇ كارخانا كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش، تۈزۈم جەھەتتىن «قوش تۈزۈم» مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا پايدىلىق.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر