- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۇنجى نۆۋەتلىك شىمالىي نورۋېگىيە ساياھەتچىلىك - تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى
2013.11.15 14:12
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : 12-نويابىر ، نورۋېگىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 12-نويابىر گۇاڭجۇدا تۇنجى نۆۋەتلىك شىمالىي نورۋېگىيە ساياھەتچىلىك -تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى . يىغىندا شىمالىي نورۋېگىيە ساياھەتچىلىك ئىدارىسى ۋە شىمالىي ياۋروپا ساياھەتچىلىك ئىدارىسى بىلەن گۇاڭجۇنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى زاتلار بىرلىكتە شىمالىي نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ نۇرى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىدىن ئورتاق بەھىرلەندى .
ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنى پەقەت قىش پەسلىدە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدىلا كۆرگىلى بولىدىكەن . سكاندىناۋىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باش ۋەكىلىChapter نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، شىمالىي نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ نۇرى خىلمۇ خىل ، رەڭدار بولۇپ ، شەكلى ئوخشىمايدىكەن . شىمالىي نورۋېگىيەدە تۇرغان 72 سائەتنىڭ % 85 تىدە ئاندىن شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھوزۇرلىنالايدىكەنسىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر