- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالدىنقى 3 پەسىلدە مەملىكەتلىك كۆلەملىك سانائەتتە پايدىنىڭ ئېشىشى %13.5 كە يەتتى
2013.10.28 16:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27- ئۆكتەبىر دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىكىدىن 0.7 پوئېنت كۆپەيدى.
ئىستاتىستىكىدىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 45 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سېنتەبىردە ئىشقا ئاشۇرغان پايدا 558 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 5.8 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. سېنتەبىردە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بىر قەدەر تېز ئاشقان. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دوكتور خې پىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سېتىشنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشى، زاۋۇت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، بىرلىك تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب. شۇ ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى %11.9 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.6 پوئېنت تېزلىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر