- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەمۇرلار ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ئاخىرلاشتى
2013.10.25 16:57 مەنبە: خەلق تورى
1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتتىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 24-چېسلا دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2014-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ مەمۇرلۇقىغا ئېمتىھان بېرىشنى توردا تىزىملاش ئاخىرلاشقان. 24-ئۆكتەبىر سائەت 18 گىچە، 1 مىليون 404 مىڭ ئادەم سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلار يەنە 171 مىڭ ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى 26-ئۆكتەبىر سائەت 18 دە ئاخىرلىشىدىكەن.مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپپاراتلارنىڭ مەمۇرلىقى ئىمتىھانىغا 286 مىڭ ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %12 ئازايغان، ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئورۇنلارغا تىزىملاتقانلاردىن باشقا، كۆپ ساندىكىلىرى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام خىزمەت تارىخىغا ئىگە. 37 ئورۇنغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ تىزىملىتىش نىسبىتى 1000:1 بولغان. 106 ئورۇنغا بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان ياكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن، بۇ ئورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى جاپالىق، چەت ياقا رايونلار ياكى ئالاھىدە كەسپىي ئورۇنلار ئىكەن. (جاۋ چاۋ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر