- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاڭشادىكى بىر نامرات كەنت 10 نەچچە مىليون يۈەن قەرزگە ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسى سالدۇردى
2013.10.25 10:28 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يۈنگەي كەنتى 10 نەچچە مىليون يۈەن قەرز ھېسابىغا سالغان ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسى . بۇ بىنا يەتتە قەۋەت بولۇپ ، كۆلىمى نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ ، بۇ بىنادا بار-يوقى ئاران سەككىز كادىر ئىشلەيدۇ
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : چاڭشا شەھىرى يۆلۈ رايونى ليەنخۇا بازىرى يۈنگەي كەنتى يېقىندا تورداشلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى . مۇخبىرلار كەينى-كەينىدىن بۇ كەنتكە كېلىپ ، كەنتنىڭ ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسىغا دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇردى .
كەنتنىڭ بۇ ئىشخانا بىناسى جەمئىي يەتتە قەۋەت بولۇپ ، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 10 مىليون يۈەن كەتكەن . ئەمما بۇ كەنتتە كادىرلاردىن ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ، كەنت ئىشلىرى ياردەمچىسى ، پىلانلىق تۇغۇت ياردەمچىسى قاتارلىق ئۈچەيلەننى قوشقاندا ئاران سەككىزى كىشى بارلىقى ئېنىقلاندى .
تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇ نەرسە ئايان بولدىكى ، كەنت بۇ بىنانى سېلىشتا قۇرۇلۇش شىركىتىگە جەمئىي 10 مىليون يۈەندى ئارتۇق قەرزگە بوغۇلغان بولۇپ ، 10 يىلدا قايتۇرۇپ بولۇش پىلانلانغان . نۆۋەتتە ، بۇ بىنا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ، ئەمما يەر ئىشلىتىش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قانۇنسىز قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن .
ئارانلا 3683 نوپۇس بولغان بۇ كەنتتە نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆلەمدىكى ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسى سېلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ يۈنگەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تەن جۈنۋۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ئۇلارنىڭ كەنتنىڭ خىزمەت بىناسىنى سېلىشى يۆلۈ رايونىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن بولغان ، بۇ خىېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنىڭ ئېھتىياجى ، بۇنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغان ھېچنەرى يوق .
بىراق ، يۈنگەي كەنتىدىكىلەر مۇنداق قارىدى : كەنتىمىز يا باي بولمىسا، 10 نەچچە مىليون يۈەن خەجلەپ بۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك خىزمەت بىناسى سېلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ بۇ ئېنىقلا ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر