باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر خىزمەت ئورنىغا 4 مىڭ ئادەم تىزىملاتتى

2013.10.24 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2014-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش بۈگۈن سائەت 18 گىچە بولىدۇ. 23-چېسلا سائەت 17 گىچە بولغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىليوندىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچى تىزىملىتىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان خىزمەت ئورنىغا 4 مىڭغا يېقىن ئادەم تىزىملاتقان.

  مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئىككى خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلار ئەڭ كۆپ بولدى.

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت مەمۇرلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنىڭ 8-كۈنى، تىزىملىتىش ئاخىرلىشىشقا يەنە ئىككى كۈن بار. ئاخىرلىشىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش يۇقىرى پەللىگە چىقتى. خۇاتۇ مائارىپ تورىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 23-چېسلا سائەت 17گە قەدەر، جەمئىي 11 مىڭ 508 خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملاتقان (بۇ ئومۇمىي خىزمەت ئورنىنىڭ 98.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، تىزىملاتقان ئادەم سانى بىر مىليون 4739 گە يەتكەن.

  نۆۋەتتىكى تىزىملىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرغان، رىقابەت ئەڭ كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىكەن. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەت نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتى تەتقىقات ئىشخانسى 2-تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋە خىزمەتچىسى، 1-تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋە خىزمەتچىسىدىن ئىبارەت خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقانلار بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3932:1 ۋە 3844:1بولغان، تىزىملىتىش ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلار تۆت مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مومكىن ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر