- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋاڭ لىن ۋەقەسىنى يىغىن ئىچىپ مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە تەكشۈرۈشكە تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.07.31 16:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۇنىۋېرسال نازارەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۆ شياۋلىن تورداشلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، يەل گۇمپا «ئۇستىسى» ۋاڭ لىن ۋەقەسىگە ئىنكاس بىلدۈردى. شۆ شياۋلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2000-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقى «يەل گۇمپىسى ئارقىلىق داۋالاشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى يولغا قويۇش توغرىسىدا 12-نومۇرلۇق بۇيرۇقنى ئېلان قىلىپ، ۋاڭ لىنغا ئوخشاش يەل گۇمپىسى ئارقىلىق داۋالاش ئىشلىرىنى دۆلەت جۇڭگو تېبابىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن. شۇڭا، بۇ ۋەقەگە قارىتا، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دۆلەت جۇڭگو تېبابىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلدى، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇردى، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، قانۇن-نىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇنداق ئوچۇقتىن-ئوچۇق قانۇنسىز داۋالاش ئىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ، قىلچە رەھىم قىلمايدۇ. (تۇڭ زۇڭلى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل