- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئەسكەرلىككە قاتناشسا ئوقۇش سالاھىيىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ
2013.07.30 10:47
مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى يېقىندا ‹‹ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسكەرلىككە قاتناشقاندا ئوقۇش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن ، ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى توغرىسىدىكى چارە (سىناق) ›› نى ئېلان قىلدى .
‹‹ چارە ›› دە مۇنداق بەلگىلەندى : ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئەسكەرلىككە ئېلىنغان بولسا، مەكتەپكە كىرىش سالاھىيتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، ئىلتىماس يازغاندا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى ۋە كىملىكى (نوپۇس دەپتىرى ) ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش دىپلومى قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغان ناھىيە (شەھەر، رايون ) لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ‹‹ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىندىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيتىنى ساقلاپ قېلىش جەدىۋىلى›› نى توشقۇرۇشى كېرەك .
‹‹ چارە›› دە يەنە مونۇلار بەلگىلەندى : ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەسكەرلىكتىن چېكىنىپ ئىككى يىلغىچە ، يەنى ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەن يىلى ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن 2-يىلىدا ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلىپ قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ . ئەگەر ئەسكەرلىككە قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياكى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قايتىدىن قاتناشسا ، ئۇلار ئەسلىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن ، دەپ قارىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ .
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل