- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


3-ئەۋلاد يېپىشقاق قۇرۇت زىيان سېلىش باسقۇچىغا كىردى
2013.07.29 15:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر 28-چېسلا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: بۇ يىل ئېلىمىزدە 3-ئەۋلاد يېپىشقاق قۇرۇت ئاپىتى قايتا يامراپ، 8-ئاينىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا تەخمىنەن 60 مىليون مودىن ئارتۇق ئېتىز ئاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخۈەي قاتارلىق كۆممىقوناقنى كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بىر قىسىم جايلاردا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر خەۋپ كەلتۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى قۇرۇت ئاپىتى ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ۋە كۆزىتىپ، تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا پائال تەييارلىق كۆرۈپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈرۈشۈشى كېرەك. (فېڭ خۇا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل