- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى رەسمىي بىكار قىلدى
2013.07.29 11:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېلىمىز-كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشتىكى چوڭ دۆلەت، ھەر يىلى سەرپ قىلىنىدىغان كۆمۈر ئۈچ مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ، كۆمۈر بايلىقىدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەمۇرىي تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، دۆلەت يېقىندا 20 يىلغا يېقىن يولغا قويۇلغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە ئون يىلغا يېقىن يولغا قويۇلغان كۆمۈر تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى رەسمىي بىكار قىلدى. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا، كارخانىلار قېزىش ئىجازەتنامىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، تىجارەت كىنىشكىسى، كان باشلىقى سالاھىيەتنامىسى، كان باشلىقى بىخەتەرلىك سالاھىيەتنامىسى قاتارلىق بەش خىل سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولسىلا ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ.
بۇندىن ئىلگىرى، كۆمۈر كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرمەكچى بولسا، ئون نەچچە ھالقىدىكى مەمۇرىي تەستىقلاشتىن ئۆتكۈزەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېجىرىش ۋاقتى كۆپ ھاللاردا نەچچە ئايغا سوزۇلۇپ كېتەتتى. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، مەمۇرىي تەستىقلاش ھالقىلىرىنىڭ ئازىيىشىنىڭ كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىش-كۆرسەتمەسلىكى نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. دۆلەت بۇ يىل 6-ئايدا كۆمۈر ئوبوروت ھالقىسىنى بىر قېتىم چوڭ تەڭشىدى. ئون يىلغا يېقىن يولغا قويۇلغان كۆمۈر تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى. ئېلىمىزدە، كۆمۈر ئۇزۇندىن بۇيان قىس تاۋارغا تەۋە بولۇپ، بازارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇندىن بۇرۇن كۆمۈر سېتىش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشى شەرت ئىدى. لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى، ئىجازەتنامىسى يوق، ئەمما كۆمۈر سودىسى قىلماقچى بولغان بىر قىسىم كارخانىلار ۋاكالەتچىلىك ھەققى تاپشۇرۇپ، ئىجازەتنامىسى بار سودا كارخانىلىرىنىڭ نامىدىلا ئىش قىلالايتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا، كۆمۈر تىجارەت ئىجازەتنامىسىنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھەقلەر ئادەتتە كۆمۈرنىڭ باھاسىغا قوشۇۋېتىلەتتى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىزدە كۆمۈر باھاسى ئالتە يىل ئىچىدە بەش ھەسسىگە يېقىن قاتلانغان. كۆمۈر باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنىنى قوزغىغان. 2006-يىلى ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتى ئىككى مىليارد 600 مىليون توننىغا، 2012-يىلى ئۈچ مىليارد 500 مىليون توننىغا يەتكەن، زىيادە قېزىش سەۋەبىدىن ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتى ئېغىر دەرىجىدە ئارتىپ كېتىپ، باھاسىمۇ تېزدىن چۈشكەن، ھازىر يىل بېشىدىكىنىڭ يېرىمىغا چۈشۈپ قالغان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ سودا كارخانىلىرى بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، بۇ-نۆۋەتتىكى ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتى ئېھتىياجدىن ئېشىپ قېلىش ئەھۋالىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. يىراقتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ھالقىلىرىنىڭ راسخوتى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، باھاسىمۇ مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىپ، مەبلەغ سېلىشتىكى داۋالغۇش ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەھسۇلات ئېشىپ قېلىش ئەھۋالى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل