- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بوۋاقنى يەرگە ئېتىۋېتىشتەك يامان خاراكتېرلىك ۋەقەنىڭ جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى
2013.07.29 10:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا 23-ئىيۇل بوۋاقنى يەرگە ئېتىۋېتىشتەك يامان خاراكتېرلىك ۋەقە يۈز بەردى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىچە: جىنايەت گۇماندارى خەن فامىلىلىك قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن تۈنۈگۈن چۈشتىن ساقچىلار تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىز بوۋاق تېخىچە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزىلىۋېتىپتۇ.
بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا: 23-ئىيۇل كەچ سائەت 8:50 ئۆتكەنلەردە، داشىڭ رايونى پەن-تېخنىكا يولى ئاپتوبۇس بېكىتىدە يامان خاراكتېرلىك ۋەقە يۈز بەرگەن. ماشىنا ھەيدەپ ماڭغان ئىككى ئەر بوۋاق ھارۋىسى ئىتتىرىپ مېڭىۋاتقان بىر ئايالنى يولنى توسىۋالدى دەپ نارازى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن، بۇ جەرياندا بىر ئەر ئۇ ئايالنى ئۇرۇپ يىقىتقان ۋە بوۋاقنى ھارۋىدىن ئېلىپ يەرگە تاشلاپ، قىز بوۋاقنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.
دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دېلونى پاش قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى. تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى جىنايەت گۇماندارىنى تېزلا بېكىتكەن. 24-ئىيۇل، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە، دېلو يۈز بېرىپ 18 سائەتتىن كېيىن، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى فاڭشەن رايونىدىكى دەم ئېلىش سورۇنىغا يوشۇرۇنىۋالغان جىنايەت گۇماندارى خەن فامىلىلىكنى تۇتقان. ئۇ (ئەر، بېيجىڭ فېڭتەي رايونىدىن بولۇپ، بۇرۇن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جازالانغان). 25-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، خەن فامىلىلىك قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى. يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى لى فامىلىلىك 25-ئىيۇل چۈشتە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. بۇ كىشى (بېيجىڭ خەيديەن رايونىدىن، بۇرۇن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن جازالانغان). دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
ھازىر قىز بوۋاقنىڭ يارىسى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، يەنىلا جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل