- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن: كېلەر-ياندۇرقى يىلى تۆمۈر يولغا 200 مىليارد يۈەن جەمئىيەت مەبلىغى سېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز
2013.07.26 17:49 مەنبە: خەلق تورى
24-ئىيۇل ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆپ خىل شەكىل كۆپ خىل يول ئارقىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغى توپلاپ، مەركەز مالىيىسى خاراكتېرلىك مەبلەغنى باشلامچى قىلىپ، جەمئىيەتنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، تۆمۈر يول تەرەققىيات فوندى قۇرۇش لازىم. شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول، شەھەر (ئەتراپى) تۆمۈر يولى، بايلىق ئېچىش خاراكتېرلىك تۆمۈر يول قاتارلىقلارنىڭ ئېگىدارلىق ھوقۇقى ۋە تىجارەت ھوقۇقىنى يەرلىك مەبلەغ ۋە جەمئىيەت مەبلىغىگە ئېچىۋېتىش كېرەك. 2013-يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشنى قولغا كەلتۈرۈش، 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ كېيىنكى ئىككى يىلىدا جەمئىيەت مەبلىغىدىن تۆمۈر يولغا 200 مىليارد مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە