- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا شانلىق سەھىپە ياراتتۇق
‐‐‐‐ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا
2013.07.26 16:04 مەنبە: خەلق تورى
بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسى يارىتىلدى.
2013-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 8دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم بوشلۇقىدا 15 كۈن تۇرغان «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئالەم كېمىسى ئېلىمىزنىڭ ئالەم بىلەن يەر ئارىلىقىدا قوش يۆنىلىشلىك توشۇش سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قوللىنىشچان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئامگۇلاڭ يايلىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى.
بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئون ئالەم كېمىسى ۋە ئەرش ئوردىسى-1 ناملىق بىر نىشانلىق ئۇچقۇسىنىڭ ھەممىسى زەپەر قۇچتى. جۇڭگولۇقلار ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا چوڭ بىر قەدەم تاشلىدى.
ھەر قېتىملىق ئادەملىك ئالەم قاتنىشىغا ئوخشاش، ئەرش ئوردىسى-1 ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇ بىلەن خاسىيەتلىك كېمە-10 ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە زور ئىلھام بولدى.6-ئاينىڭ 11-كۈنى، خاسىيەتلىك كېمە-10 قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىگە كېلىپ، بۇ قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ۋۇ خەيشېڭ، جاڭ شياۋتيەن، ۋاڭ ياپىڭلارنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى.ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى ئادەمسىز ئۇچۇشتىن ئادەملىك ئۇچۇشقىچە، بىر ئادەم بىر كۈن ئۇچۇشتىن كۆپ ئادەم كۆپ كۈن ئۇچۇشقىچە، ئالەم بوشلۇقىغا مېڭىشتىن ئالەم بوشلۇقىغا تۇتاشتۇرۇشقىچە، يەككە ئەسۋابىنى ئۇچۇرۇشتىن بىرىكمە ئالەم ئەسۋابىنى مۇقىم ئۇچۇرۇشقىچە، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ يەر يۈزى بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ دەرس ئۆتۈشكىچە بولغان ھەر قېتىملىق ھالقىشقا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئىنتىلىشتەك دەۋر ساداسى مۇجەسسەملەنگەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە