- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قۇرۇلۇش تەستىقى ئالماي تۇرۇپ ئىش باشلاش؟ ـــ خۇنەندىكى «دۇنياۋى بىرىنچى ئېگىز بىنا»
2013.07.25 20:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇل، يۈەندا گۇرۇھى چاڭشانىڭ ۋاڭچېڭ رايونىدا «ئېگىزلىكى 838 مېتىر كېلىدىغان، ‹دۇبەي مۇنارى› دىنمۇ 10 مېتىر ئېگىز بولغان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېگىز بىنا» دەۋالغان «ئاسماندىكى شەھەر» نىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. بۇ ئىش تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ كۈچلۈك ئېتىبارىنى قوزغىدى، ئالقىش كۆپ بولدى، بىراق گۇمان تېخىمۇ كۆپ بولدى.
نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسىسلەر ۋە ئىجتىمائىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، قۇرۇلۇش باشلىغان «دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئېگىز بىنا»غا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر «ئىشەنچىسىز» دىگەن گۇمانلىنىشلار، «بىناكارلىق ئىنقىلابى» دەپ قارشى ئېلىنىش، ھەتتا ئۆي سېتىۋېلىش تەقەززاسغا كارى بولمىغاندىمۇ، ئەڭ بولمىغاندا تولۇق بولغان قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى تېزراق ئاشكارىلىشى كېرەك. بىراق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر چوقۇم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، جامائەت مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى، مۇھىت تەسىرى، پىلانى ۋە قۇرۇلۇش تەستىقى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى «يۈەندا گۇروھى بىلەن مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن» ئاندىن ئاشكارىلىسا بولمايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم