باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فەن چاڭلوڭ قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەخمەتوف بىلەن كۆرۈشتى

2013.07.24 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلوڭ 18-ئىيۇل ئاستانادا قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەخمەتوف بىلەن كۆرۈشتى.

  فەن چاڭلوڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 4-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پىرېزىدېنت نەزەربايىف سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ھەمدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۇرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئەخمەتوف مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  فەن چاڭلوڭ شۇ كۈنى يەنە قازاقىستاننىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى جاخېسىبىكوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە