- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى Ⅹ نىڭ ئادۋوكاتى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش ئالدامچىلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، زىيانلانغۇچى تەرەپ تۆلەم سوممىسىنى ئاشكارىلىمىدى
2013.07.23 15:54 مەنبە: خەلق تورى
2-ئاينىڭ 20-كۈنى، لى Ⅹ قاتارلىق 5 كىشى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە بىر ئايالنى مەلۇم مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرىپ باسقۇنچىلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، خەيديەن ساقچى تەرەپ قولغا ئالغانىدى. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەيديەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى لى Ⅹ قاتارلىقلارنى باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىدى. تۈنۈگۈن خەيديەن رايونلۇق سوت مەھكىسىدە لى Ⅹ دېلوسىغا قارىتا سوت ئېچىشتىن بۇرۇنقى يىغىن ئېچىلدى، مېڭ گې لى Ⅹ نىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.
لى ئائىلىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى مىكروبىلوگىدا مۇنداق دېدى: ئاقلىغۇچى ئادۋوكات سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار كىشىلەرنى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە